Simvakfı

Simvakfı

Share

Photos from Simvakfı's post 01/10/2025

2025-2026 ئوقۇش يىلى كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ
2025-2026 eğitim yılı güz dönemi derslerimiz verimli ve düzenli bir şekilde devam etmektedir


سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ ئىستانبۇل (سەفاكۆي) ۋە كونىيادىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزلىرىدە 2025–2026 يىللىق كۈز مەۋسۇملۇق دەرسلىرىمىز 8-سېنتەبىر كۈنى دۆلەت مەكتەپلىرى بىلەن تەڭ باشلىنىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.
🔹 بۇ مەۋسۇمدا جەمى 245 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ.
🔹 27 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 4 خىزمەتچى ۋە 1 ئاشپەز بولۇپ، جەمي 32 كىشى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشىمىز مۇنتىزىم داۋام قىلىۋاتىدۇ.
🔹 يەسلىدىن باشقا مەركەزلەردە ھەپتە ئىچىدە، دۆلەت مەكتەپلىرىدىن قايتقاندىن كېيىن كۈندە 3 سائەتلىك دەرس ئۆتىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئەھۋالغا قاراپ كۆپرەك دەرس بۆلۈنىدۇ.
📍 مەركەزلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى:
1. سەفاكۆي باشلانغۇچ مەركىزى → 1–4-سىنىپ، 6 سىنىپ، 91 ئوقۇغۇچى
2. سەفاكۆي ئوتتۇرا مەركىزى → 5–7-سىنىپ + LGSسىنىپىدىن 2 سىنىپ، 49 ئوقۇغۇچى
3. سەفاكۆي يەسلى ۋە قىزلار قۇرئان مەركىزى 4–6 ياش، 3 سىنىپ، 45 ئوقۇغۇچى
4. كونىيا شۆبەسى يەسلىدىن 7-سىنىپقىچە + LGS سىنىپى، 60 ئوقۇغۇچى
📖 ئۆتۈلۈۋاتقان پەنلەر:
ئانا تىل، قۇرئان كەرىم، دىن ۋە ئەخلاق، ماتېماتىكا، تۈرك تىلى، ئىنگلىز تىلى، پەن بىلىملەر، تارىخ، 40 ھەدىس، گۈزەل-سەنئەت، پۇتبول ، ياشلار تەربىيەسى (ئوتتۇرا سەۋىيە)، ھاياتلىق بىلىملىرى.

Sutuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı’nın İstanbul (Sefaköy) ve Konya’daki 4 eğitim merkezinde güz dönemi derslerimiz, 8 Eylül 2025 itibarıyla devlet okullarıyla eş zamanlı olarak başlamış ve verimli şekilde devam etmektedir.
🔹 Bu dönem toplam 245 öğrenci eğitim görmekte.
🔹 27 öğretmen, 4 Sorumlu ve 1 aşçı olmak üzere 32 görevli hizmet vermektedir.
🔹 Hafta içi dersler okuldan sonra 3 saat, hafta sonları ise daha yoğun şekilde yapılmaktadır.
📍 Merkezlerimiz:
1. Sefaköy İlkokul Merkezi → 1-4. sınıflar, 91 öğrenci
2. Sefaköy Ortaokul Merkezi → 5-7. sınıflar + LGS hazırlık, 49 öğrenci
3. Sefaköy Anaokulu ve Kızlar Kur’an Merkezi → 4-6 yaş, 45 öğrenci
4. Konya Şubesi → 1-8. sınıflar + LGS hazırlık, 60 öğrenci
📖 Dersler arasında; Ana dil, Kur’an-ı Kerim, Matematik, Türkçe, İngilizce, Fen, Tarih, Din ve Ahlak, 40 Hadis, Güzel Sanatlar, Futbol ve Gençlik Eğitimi bulunmaktadır.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

25/08/2025

Sefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği’nin Vakfımıza Ziyareti
Sefire-i Âlem Uluslararası Öğrenci Derneği'nden Sayın Derya Şama ve değerli ekibi, vakfımıza tanışma amacıyla bir ziyaret gerçekleştirmişlerdir. Ziyaret sırasında her iki taraf, kendi hizmet alanlarını kısaca tanıttıktan sonra, Uygur öğrencilerin genel durumu ve özellikle derneğin odaklandığı alan olan kız öğrencilerin yaşadığı zorluklar ile ilgili konular ele alınmıştır. Bu bağlamda, kız öğrencilerin eğitim süreçlerinde karşılaştıkları sıkıntıları gidermek ve onlara daha verimli destek sağlamak amacıyla yapılabilecek ortak çalışmalar üzerinde durulmuştur. İlerleyen süreçte, karşılıklı iş birliği çerçevesinde daha fazla ziyaret ve ortak çalışmalar yapılması temennisiyle toplantımız sonlandırılmıştır.
Kıymetli ziyaretleri için derneğimize teşekkür eder, iş birliğimizin devamını dileriz.

Sefire-i Alem
سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى

18/08/2025

ئۈمىد مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
Ümit Ödülleri Töreni Düzenlendi

بەش يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلگەن «ئۈمىد مۇكاپاتى» نىڭ 5-قېتىملىقى 2025-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان بۇ مۇكاپات تۈرى، بەش يىلدىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈش ئىمتىھانى «LGS»دا يۇقىرى نتىجە قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان.
بۇ يىل 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، نۇرئىسلام خوجائوغلى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتېرىگە ئېرىشتى.
476 نومۇر ئالغان سەيفۇللا ئىلياس ۋە 475 نومۇر ئالغان نۇرۇللاھ ئىلياس ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى ۋە ھەر بىرىگە ئاسۇس ماركىلىق قول كومپيوتېرى بېرىلدى.
463 نومۇر بىلەن ئايشە مەھمەت ئوغلى ۋە 461 نومۇر بىلەن فاتىمە تەڭرىتاغ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ۋە ھەر بىرىگە ئالما ماركىلىق ئايپەد مۇكاپاتى تاپشۇرۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 400 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان 16 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 2000 لىرا، 450 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان 4 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 3000 لىرا پۇل مۇكاپاتى سوغۇلدى.
مۇراسىمغا ئۆلىمالار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. قەدىرلىك مېھمانلار ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىگەندىن كېيىن، دۇئالىرى بىلەن مۇراسىمنى ئاخىرلاشتى.

Ümit Ödülleri Töreni Düzenlendi
Beş yıldır aralıksız devam eden “Ümit Ödülleri”nin 5’incisi, 16 Ağustos 2025 tarihinde İstanbul’da gerçekleştirildi.
Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı, Doğu Türkistan Âlimler Birliği, Doğu Türkistan Araştırmaları Vakfı ve Uygur İlim ve Medeniyet Araştırma Vakfı’nın iş birliğiyle düzenlenen bu ödül programı, beş yıldan beri Türkiye’deki Liseye Geçiş Sınavı (LGS)’nda yüksek başarı elde eden Uygur öğrencileri teşvik etmek amacıyla uygulanıyor.
Bu yıl 25 öğrenci başvuru yaptı. Nurislam Hocaoghli, 494 puan alarak birinciliği kazandı ve ödül olarak Apple marka MacBook bilgisayarını kazandı.
Seyfullah İlyas 476 puan ve Nurullah İlyas 475 puan ile ikinciliği paylaşarak, her biri Asus marka dizüstü bilgisayar ödülü kazandı.
Ayşe Mehmetoğlu 463 puan ve Fatime Tengritagh 461 puanla üçüncülüğü elde ederek, her biri Apple marka iPad ile ödüllendirildi.
Bunların dışında, 400 puanın üzerinde alan 16 öğrenciye 2000 lira, 450 puanın üzerinde alan 4 öğrenciye ise 3000 lira nakit ödül verildi.
Törene âlimler, kurum temsilcileri, öğrenciler ve velilerden oluşan yüzü aşkın kişi katıldı. Değerli misafirler, öğrencileri tebrik ederek dualarıyla programı sonlandırdı.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
@ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى

Photos from ‎شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى‎'s post 18/08/2025
Photos from Simvakfı's post 15/08/2025

تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىمىزگە 2025-2026-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى
Eğitim Merkezlerimize 2025–2026 Eğitim-Öğretim Yılı Öğrenci Kabulü Başladı

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ يىللىق تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ھالدا داۋام قىلدۇرۇش مەقسىتىدە مەركەزلىرىمىزگە يېڭى يىللىق ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاشقا باشلاندى.
كۆپىنچە خەلقىمىزنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك ھازىر ۋەخپىمىزگە تەۋە خىزمەت قىلىۋاتقان 4 يەردە مەركىزىمىز بار.
1- سەفاكۆي باشلانغۇچ مەكتەپ تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
2- سەفاكۆي ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
3- سەفاكۆي سۇتۇق بۇغراخان- ئانا تىل ۋە قۇرئان يەسلىسى.
4- ۋەخپىمىزنىڭ كونىيا شۆبىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزى.
بۇ مەركەزلىرىمىزدە ئېھتىياجغا قارىتا 35 ئەتراپىدا ئوقۇتقۇچى خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ مەركەزلەردىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمالدا ئوقۇۋاتقان دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەمدەمدە بولۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دىنى، ئەخلاقى تەربىيەسىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى تېخىمۇ جانلىق ھالدا تۇتۇپ ياراملىق ئەۋلاد بولۇشقا يول ئېچىشتۇر.
شۇڭا تۈركىيەدىكى ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا ماس ھالدا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم سىنىپلىرىمىز مەۋجۇت بۇ ئارقىلىق بىرقانچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ نۇقتىلىق ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا.
بۇنداق ياكى سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇرۇش سىنىپلىرىمىز ھەر يىلى دەرسلىرىنى بۇرۇن باشلاپ مۇقىم ھالدا ئىمتىھان تۈگىتىپ بولغىچە سەۋرچانلىق بىلەن دەرس ۋە مۇزاكىرىلىرنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاشنىمۇ بۇرۇن قىلىۋاتىدۇ، دەرسلىك ماتېرىياللارغىمۇ ئەتراپتىكى پۇللۇق دەرسخانىلار قوللانغان ماتېرىياللاردىن ئەڭ ياخشى دەپ قارالغانلىرىنى قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
شۇڭا ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشتىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋاقتىدا تىزىملىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىلاۋە:
مەركەزلىرىمىزدە يۇقىرقى تەييارلىق سىنىپلىردىن باشقا يەنە 1-سىنىپتىن 9-سىنىپقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، يېشى ۋە سەۋىيەسىگە قاراپ بۆلۈنىدۇ ۋە ئەھۋالغا قاراپ قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم سىنىپلار ئېچىلىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئۇتۇقلۇق يار بولسۇن.

Eğitim Merkezlerimize 2025–2026 Eğitim-Öğretim Yılı Öğrenci Kabulü Başladı
Satuk Buğrahan İlim ve Medeniyet Vakfı, yıllık eğitim-öğretim hizmetlerini daha canlı ve verimli şekilde sürdürmek amacıyla yeni dönem öğrenci kayıtlarını başlatmıştır.
Merkezlerimiz:
1. Sefaköy İlkokul Eğitim Merkezi
2. Sefaköy Ortaokul Eğitim Merkezi
3. Sefaköy Satuk Buğrahan – Ana Dil ve Kur’an Anaokulu
4. Konya Şubesi Eğitim Merkezi
Bu merkezlerimizde ihtiyaca göre toplam 35 civarında öğretmen görev yapmaktadır.
Amacımız:
Uygur öğrencilerimizin devlet okullarındaki eksikliklerini gidererek, diğer öğrencilerin önüne geçmelerine ve yüksek başarılar elde etmelerine destek olmak; aynı zamanda dini ve ahlaki eğitimlerini, milli kimliklerini canlı tutarak örnek birer evlat olmalarına katkı sağlamaktır.
Özel Sınıflar:
Türkiye’deki eğitim sistemine uygun olarak, Sınavla kabul eden Proje ortaokul ya da liseye geçiş sınavlarına (LGS) hazırlık için özel sınıflarımız mevcuttur. Bu sınıflar sayesinde son yıllarda Uygur öğrencilerimizin iyi okullara giriş oranı gözle görülür şekilde artmıştır.
• Proje Ortaokula Giriş Sınavına Hazırlık
• LGS (Liseye Geçiş Sınavına) Hazırlık
Bu sınıflar derslere erken başlar, sınav bitimine kadar istikrarlı şekilde ders, tekrar ve değerlendirme yapar. Kullanılan materyaller, çevredeki ücretli dershanelerde tercih edilen en kaliteli ve güvenilir kaynaklardan seçilir.
Ek Bilgi:
Merkezlerimizde hazırlık sınıflarının yanı sıra 1. sınıftan 9. sınıfa kadar öğrenciler bulunmaktadır. Öğrenciler yaş ve seviyelerine göre gruplandırılır, gerekli durumlarda kız ve erkek öğrenciler için ayrı sınıflar açılır.
Duyuru:
Değerli velilerimizin, zamanında kayıt yaptırabilmeleri için ilanımızda belirtilen numaralarla iletişime geçmelerini tavsiye ediyoruz.
Tüm öğrencilerimize başarılar dileriz.


سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى
سۇتۇق بۇغراخان كونيا شۆبىسى

28/07/2025

تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق سەۋىيەلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلار مۇشۇ كۈنلەردىكى تىزىملاش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويماڭلا، خېلى جىق مەكتەپلەر تىزىملاۋاتىدۇ ۋە بەزىسى تۈگىگىلى تۇردى، شۇڭا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشۇڭلار لازىم.

مەسىلەن ماۋۇ يالوۋا ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئۇقتۇرشى ئىكەن...
بۇ مەكتەپ ئىسلامى ئىلىملەر كەسپىنى ھەم تۈركچە ھەمدە ئەرەپچە (بىر تىلنى تاللاپ) ئوقۇش ئىمكانى بار دۆلەت ئۇنىۋېرسىتىتلاردىن بىرسى
ئوقۇش پۇلىمۇ خېلى ئەرزان

Yalova Üniversitesi Lisansüstü Eğitim Enstitüsüne bağlı Tezli Yüksek Lisans, Tezsiz Yüksek Lisans ve Doktora programlarında 2025-2026 Eğitim-Öğretim Yılı Güz Yarıyılı Lisansüstü Programlara Yeni Öğrenci Alımı ve Yatay Geçiş İlanı

https://lee.yalova.edu.tr/tr/Icerik/Detay/2025-2026-guz-donemi-lisansustu-programlara-ogrenci-alimi?icerikonizle=true

Want your organization to be the top-listed Non Profit Organization in Istanbul?
Click here to claim your Sponsored Listing.

Telephone

Address


Kemalpaşa Mahallesi 1. B**a Sokak No: 27 Daire: 4/Sefaköy/Küçükçekmece/Istanbul
Istanbul

Opening Hours

Monday 10:00 - 18:00
Tuesday 10:00 - 18:00
Wednesday 10:00 - 18:00
Thursday 10:00 - 18:00
Friday 10:00 - 18:00
Saturday 10:00 - 18:00